خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-يىغىنى 27-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا يېپىلدى، بۇ قېتىمقى يىغىندا «خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ‹14-بەش يىللىق› يىرىك پىلانىنى تۈزۈش»نى ئاساسىي تېما قىلىپ كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.
ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئۇسۇلى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ بۇنى ئاساسىي تېما قىلىپ كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشى − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئەل رايىنى مۇجەسسەملەيدىغان كونكرېت ھەرىكەتتۇر. كېڭىشىش جەريانىدا، كۆپچىلىك يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 13- بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ غەلىبىلىك تاماملىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تولۇق ئىشەنچ باغلىدى ھەمدە 14-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشنى چۆرىدەپ پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئېچىشقا كۈچ قوشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ