شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 7- قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاق، باي، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭ بەرپا قىلىش كېرەك

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى، ۋاڭ ياڭ سۆز قىلدى

2020.08.31 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  مەركەزنىڭ 7 - قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، جەزمەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ۋە ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ۋە چېگرا بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق، باي، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭ بەرپا قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. ۋاڭ ياڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ 6 - قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىر مۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىرمۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا ھەرتەرەپلىمە ئىلگىرىلەشلەرنى، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن، سىياسەتلىرى تامامەن توغرا، شىزاڭنىڭ سىجىل مۇقىملىق ۋە تېز تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە قوشقان مۇھىم تۆھپىسى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، قارلىق ئېگىزلىكتە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان كەڭ يولداشلارغا، بولۇپمۇ بىرىنچى سەپنى چىڭ ساقلاپ، بىرىنچى سەپتە مۇلازىمەت قىلىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئاممىغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن شىزاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتە قېتىم شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، ھەر قېتىمدا ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىزاڭ خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەردە چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈز بەردى، بىز شىزاڭ خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش، شىزاڭنى مۇقىم قىلىش، شىزاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈردۇق. شىزاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دۆلەت ئىدارە قىلىشتا چوقۇم چېگرانى ئىدارە قىلىش، چېگرانى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن شىزاڭنى مۇقىم قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى شىزاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىش، جەزمەن شىزاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، خەلقنى بېيىتىپ شىزاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىزاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئاساسنى پۇختىلاشتىن ئىبارەت مۇھىم پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، جەزمەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىش، جەزمەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى، بولۇپمۇ سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىزاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ مىزانى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ