مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەيۋەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيلى

_ _ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش

2020.09.03 15:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ! تىنچلىق چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ! خەلق چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ!» بۈگۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ، بۇ كۈن ھەققانىيەتنىڭ رەزىللىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان، يورۇقلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇق ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان، تەرەققىياتنىڭ ئەكسىيەتچىلىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان ئۇلۇغ خاتىرە كۈن، ھەم شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى ھەمدە پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىقنى سۆيىدىغان بارلىق دۆلەت ۋە خەلقلەرنىڭ مۇھىم بايرىمىدۇر.

  ئۇ، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىر مەيدان ئىنتايىن جاپالىق ئۇرۇش بولۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى بۇ ئۇرۇشتا جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرىپىدىن تەشەببۇس قىلىپ قۇرۇلغان مىللىي بىرلىك سەپ (يەنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ) بايرىقى ئاستىدا، مەيلى دۈشمەن بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل كەلگەن جەڭ مەيدانىدا بولسۇن ياكى دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى جەڭ مەيدانىدا بولسۇن، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان دۆلەتلەر ئۈچۈن بىرلىكتە قۇربان بولۇپ، مىللەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدايدىغان پولات ئىستىھكام قۇرۇپ، ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىدا چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ سەھىپىسىنى ياراتتى. ئۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا، جۇڭگو خەلقى غايەت زور مىللىي قۇربانلارنى بېرىش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ شەرقتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا تىركىشىپ مۇستەھكەم تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى ئۈچۈن جەڭ قىلىپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى ئۈچۈن جەڭ قىلدى. 14 يىل ئېگىلمەي-سۇنماي باتۇرانە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقى نىھايەت ئۇچىغا چىققان ياۋۇز دۈشمەن ياپون مىلىتارىزمىنى مەغلۇپ قىلىپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگونىڭ تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشىدىكى تۇنجى قېتىملىق تولۇق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ئۇلۇغ غەلىبە، ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ جۇڭگونى مۇستەملىكە قىلىپ قۇل قىلىش سۇيىقەستىنى ئۈزۈل-كېسىل تارمار قىلىپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگونىڭ چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدا ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇشىدەك مىللىي نومۇسىنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى. بۇ ئۇلۇغ غەلىبە جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى قايتىدىن تىكلەپ، جۇڭگو خەلقىنى دۇنيادىكى تىنچلىقپەرۋەر خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈردى. بۇ ئۇلۇغ غەلىبە جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى، ھەمدە ئۇنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىسىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ