مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كوممۇنىستلارنىڭ يۈكسەك ئېتىقادىنىڭ ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكىنى رۇسلاشتىكى رولى

2020.09.01 14:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردە تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات نىشانىنى بېكىتىپ، توغرا لۇشيەن، فاڭجېن ۋە سىياسەتلەرنى تۈزۈشىنىڭ ئاچقۇچى بولسا، ئۇنىڭ ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادىدا.

  ئېتىقاد ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغايدۇ، ئادەمنىڭ سۇبيېكتىپلىقى، ئىجادچانلىقى ۋە ئاڭلىقلىقىنى قوزغاپ، تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.

  ئېتىقاد ئىنسانلارغا خاس مەنىۋى پائالىيەت ۋە ئەڭ يۇقىرى قاتلامدىكى مەنىۋى ئىنتىلىشتۇر. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئادەمنىڭ ھەرىكىتىنى ئىدارە قىلىدىغان مەنىۋى كۈچتۇر.باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ماركسىزمغا، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقاد كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي جېنى، ھەمدە كوممۇنىستلارنىڭ تۈرلۈك سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىدىكى مەنىۋى تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىر مۇھىم ھۆكۈم، ھەمدە ماركسىزملىق ئېتىقادنىڭ ئورنى ۋە فۇنكسىيەسىگە بولغان مۇقەددەس چۈشەندۈرۈش بولۇپ، ئۇنىڭدا ماركسىزملىق ئېتىقادنىڭ ئالىيجانابلىقى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان. ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، ھەمدە سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقاد بولسا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ روشەن بەلگىسىنى ۋە سىياسىي ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇ «شى جىنپىڭ: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن كىتابتا تولۇق نامايان قىلىنغان.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردە تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات نىشانىنى بېكىتىپ، توغرا لۇشيەن، فاڭجېن ۋە سىياسەتلەرنى تۈزۈشنىڭ ئاچقۇچى بولسا، ئۇنىڭ ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادىدا. ئېتىقاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكىدۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلىشىنىڭ سەۋەبى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، ھەمدە ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش تارىخىدىكى يېڭى دەۋردە تۈرلۈك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا، ھەمدە ئېتىقادتىن ئىبارەت بۇ تىرەككە تايانغانلىقىدا. «خەلقنىڭ ئېتىقادى، دۆلەتنىڭ كۈچى ۋە مىللەتنىڭ ئۈمىدى بار.» ئېتىقاد ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىدۇ، ئادەمنىڭ سۇبيېكتىپلىقى، ئىجادچانلىقى ۋە ئاڭلىقلىقىنى قوزغايدۇ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېتىقادىنىڭ ئالىيجانابلىقى ماركسىزمنىڭ ئىلمىيلىكى، خەلقچىللىقى، ئەمەلىيەتچانلىقى ۋە ئوچۇقلىقىدىن كەلگەن. ماركسىزم تەبىئەت دۇنياسى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ۋە ئىنسانىيەت تەپەككۇرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەردى، ئۇنىڭ ئىلمىيلىكى ماركسىزملىق ئېتىقادنىڭ ئاساسىدۇر. ماركسىزم ئادەمنىڭ ئازادلىقى ۋە ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى قىممەت ئىستىكى قىلىدۇ. بۇ دەل ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت ۋە ھەققانىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئېتىقادىغا ئايلىنىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەبتۇر. ماركسىزم دۇنيانى تونۇش ۋە دۇنيانى چۈشەندۈرۈش بىلەنلا قالماي، ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە دۇنيانى ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە تىرىشىشتەك روشەن ھالدىكى ئەمەلىي يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ