مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ «ئەڭ دەسلەپكى بىر كىلومېتىر»نى چوقۇم چىڭ تۇتۇش لازىم

2020.09.03 17:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «ئەڭ دەسلەپكى بىر كىلومېتىر»دۇر. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئېلىپ بېرىشتا چوقۇم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىن باشلاپ چىڭىتىش، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك.

  يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 5-نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات»قا قاراپ چىقىلىپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، سىياسىي قۇرۇلۇش، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش، تەشكىلىي قۇرۇلۇش، پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؛ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ نورمال ئايلىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە مۇھىم كۈچ قوشتى. يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپ ئالدىدا، كۆزىتىش داۋامىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ئەستايىدىل بولۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  «سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىدىغان» نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى «ئىككىنى قوغداش» نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى بىرىنچى سەپ، ئەگەر پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى بۇ يەردە قىلچىلىك خاتا كەتسە، ئاساسىي قاتلامغا بارغاندا ناھايىتى چوڭ خاتالىق كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئەگەر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ بىرىنچى تايىقى ئۈزۈلۈپ قالسا، «ئىككىنى قوغداش» «ئەڭ دەسلەپكى بىر كىلومېتىر»دا يوققا چىقىشى مۇمكىن. پارتىيە ۋە دۆلەت يۈكلىگەن فۇنكسىيە ۋە مەسئۇلىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ، «ئىككى ئومۇمىيەت»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، بۇرچ ئېڭى ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىدىن ئاڭلىق پايدىلىنىپ مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئەڭ يېقىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئەڭ بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدۇ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا، ياخشى «پاراۋۇز» بولۇپ، ھەرىكەتنى تېزلىتىپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى، ھەتتا باشقا ساھەلەردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم «شامال كۆرسەتكۈچ»لۈك رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ