مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جورىسىنىڭ يان تېلېفونىنى ئاختۇرۇش كېرەكمۇ؟

2020.09.01 17:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، مەلۇم تويلىشىش تور بېكىتى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىلىق تويلىشىش قارىشى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، جورىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يان تېلېفونىنى ئېچىپ كۆرۈشىنى قۇبۇل قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسىدە، ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللار بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىكەن.

  بۈگۈنكى كۈندە، يان تېلېفون بارغانسېرى شەخسنىڭ خۇسۇسىي بوشلۇقىغا ئايلاندى، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، جورىسىنىڭ يان تېلېفونىنى ئېچىپ كۆرۈش قارشى تەرەپنىڭ ئۇچۇرىغا ئېرىشىشنىڭ ئۇدۇل يولى بولۇپ قالدى؛ لېكىن يانفونى ئاختۇرۇلغان ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قۇبۇل قىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ئۇنداق تۇيغۇ خۇددى ئۇچۇر دۇنياسىدا «يالىڭاچ يۈگۈرۈش»كە ئوخشايدىغان بولۇپ، كۆڭلىدە ئويلىغانلىرى ئاشكارا بولۇپ قالىدۇ.

  بۇ قاتلامدىن ئېيتقاندا، جورىسىنىڭ يان تېلېفونىنى ئېچىپ كۆرۈش شەخسىي مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇ مۇۋاپىق بولۇش-بولماسلىق مەسىلىسى بولىدۇ. بەلكىم بەزى كىشىلەر جورىسى ئوتتۇرىسىدىكى شەخسىي سىر چېگراسىنى ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۆلچەم بويىچە ئۆلچىمەسلىك كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئەمما، گەرچە جورىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ يېقىن بولسىمۇ، ئالدى بىلەن ئىككى مۇستەقىل شەخس سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا، يەنىلا شەخسىي سىرىنى ساقلاپ قېلىش ھوقۇقى بولىدۇ، خىزمەت مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە تېخىمۇ شۇنداق. قارشى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىغان ئەھۋالدا جورىسىنىڭ يان تېلېفونىنى خالىغانچە ئېچىپ كۆرۈش ئېغىر بولغاندا، بەلكىم قارشى تەرەپنىڭ شەخسىيەت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش بولۇشى مۇمكىن.

  تېخىمۇ مۇھىمى، جورىسىنىڭ يان تېلېفونىنى ئېچىپ كۆرۈش ھېسسىيات ئامىلىغا مۇناسىۋەتلىك، بۇ زۆرۈرىيىتى بار- يوقلۇق مەسىلىسى. جورىسى بىلەن ئادەتتىكى دوستلارنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئىككى تەرەپنىڭ ھېسسىيات باغلىنىشى تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇپ، ئەسلىدە تېخىمۇ ئىشىنىش ۋە چۈشىنىش كېرەك. بۇ خىل ئىشەنچ بىلەن چۈشىنىش ھەرگىزمۇ قۇرۇق خام خىيال ئەمەس، ئىككى تەرەپ بىر- وبىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، ئىشەنچنى ئاستا- وئاستا بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس شەخسىي بوشلۇقى بولىدۇ، ئەگەر باشقىلار زىيادە ئارىلىشىپ كىرسە، بىئاراملىق ھېس قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا يان تېلېفونى ئاختۇرۇلغان تەرەپو مەيلى جورىسى قايسى ئۇچۇرلارغا ئېرىشسۇن ياكى ئېرىشمىسۇن، قارشى تەرەپتىن كەلگەن ئىشەنچىسىزلىكنى ھېس قىلىدۇ، بۇ خىل ئىشەنچسىزلىك تۇيغۇسى شۈبھىسىزكى ئىككى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، جورىسىنىڭ يان تېلېفونىنى ئېچىپ كۆرگەندە، ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولامدۇ-يوق بۇنى تېخى بىلگىلى بولمايدۇ، لېكىن ھېسسىياتنىڭ زىيانغا ئۇچراش نىسبىتى تۆۋەن ئەمەس، ئەگەر بۇنىڭ بىلەن خاتا چۈشەنچە كەلتۈرۈپ چىقارسا، زىيان تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.

  تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، يان تېلېفونىنى كۆرۈش كۆرمەسلىك − ئەر- ئايالنىڭ ئالاقىسىدىكى بىر خىل ھەرىكەت تاللىشى. بۇ خىل قىلمىشنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىشتا بىر تەرەپتىن، ئىككى تەرەپ ئىمكانقەدەر تېخىمۇ ئاشكارا، ئېنىق ئۇسۇل ئارقىلىق چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، مەسىلەن، ئوچۇق-ئاشكارا پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ھەر بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارىلىشىش يولى بولىدۇ، بەلكىم بەزىلەر يان تېلېفونىنى ئاختۇرۇشقا بېرىش ھەرىكىتىگە بىر ئىجابىي ئېنىقلىما بېرىش ئارقىلىق، ئۇنى بىر-بىرىنى چۈشىنىدىغان نورمال يول دەپ قاراپ، بۇنىڭ بىلەن يالفونىنى ئاختۇرۇش ئېلىپ كەلگەن ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسىنى تۈگىتىشى مۇمكىن، بۇنىمۇ سىناپ بېقىشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ