مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇش

2020.09.03 17:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  كېلەر يىلى بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. يۈز يىلغا يېقىن مۇساپىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، مەيلى ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلىدە بولسۇن ياكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخىدىكى يېڭى دەۋردە بولسۇن، پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، خەلقنىڭ بەختىنى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى، دۇنيا ئۈچۈن بۈيۈك بىردەكلىكنى كۆزلىدى.

  نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلدى، خەلقئارا مۇھىت بارغانسېرى مۇرەككەپلەشتى. كەسكىن خىرىس ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشى، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇش ئۈچۈن، دەۋر ئېقىمىنى توغرا ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا دەۋرنىڭ ئاساسىي تېمىسى. بىر تەرەپتىن، دۇنيا كۆپ قۇتۇپلاشماقتا، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسى ۋە بىر- بىرىگە تايىنىشى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، تىنچلىق كۈچلىرىنىڭ ئۆسۈشى ئۇرۇش ئامىللىرىنىڭ ئېشىشىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى؛ تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش دەۋر ئېقىمى تېخىمۇ كۈچەيدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنسانلارمۇ ئۈزلۈكسىز خىرىس پەيدا بولۇپ، خەۋپ-خەتەر كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان دەۋردە تۇرماقتا. زومىگەرلىك، زوراۋانلىق سىياسىيسى يەنىلا مەۋجۇت، قورۇقچىلىق، بىر تەرەپلىمىچىلىك ئۈزلۈكسىز باش كۆتۈرۈپ، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى، تېررورلۇق ھۇجۇمى، ئاچارچىلىق، يۇقۇم ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى، ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك مەسىلىسى مۇرەككەپ گىرەلىشىپ كەتمەكتە. دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا، ھەرقايسى دۆلەتلەر دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئەلپازى يامان بولماقتا، بۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر قېتىملىق چوڭ سىناقتۇر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئېلىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، ئېلىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭدى. ئېلىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئەڭ مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغاندا، خەلقئارا جەمئىيەت دۆلىتىمىزگە قىممەتلىك مەدەت ۋە ياردەم بەردى. يەر شارى يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش بىزگە شۇنداق ئىلھام بېرىدۇكى، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش دەۋر ئېقىمى ئالدىدا تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلغاندىلا، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى كۈتۈۋالغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ