مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى 9-ئايدا ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەنە بىر قېتىم مەكتەپكە قايتىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك، دېدى

2020.06.22 17:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى يى: ئاساسىي ھۆكۈمگە ئاساسەن، 9-ئايدا ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن، مۇھىت تەكشۈرۈش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىشنى ئۈزۈل-كېسىل تاماملاشتىن بۇرۇن، ساۋاقداشلارنىڭ مەكتەپكە قايتىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك، دېدى.

  لى يى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بېيجىڭنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتى جىددىي پەيتتە تۇرماقتا، مائارىپ سىستېمىسى، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تېخىمۇ شۇنداق. ئالىي مەكتەپلەر ئالاھىدە كىچىك جەمئىيەت بولۇپ، ھەر خىل فۇنكسىيەلىك رايونلار بار، يەنە يۇقىرى زىچلىقتىكى ياتاق، يەنە ئاممىۋى مۇنچا، تازىلىق ئۆيى، يۇيۇش ئۆيى قاتارلىقلار بار، بۇلار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇشىغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

  لى يى مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈز بېرىش جەريانىدا، مۇھىتقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىمىز، بولۇپمۇ مۇھىتتىكى يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش، بولۇپمۇ ئاشخانا، رېستۇران، تاماقخانا، مۇنچا، ئاممىۋى تازىلىق ئۆيى قاتارلىق نۇقتىلىق ھالقىلارغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك، بۇمۇ ئالىي مەكتەپلەر نۇقتىلىق ئۆزگەرتىش ۋە تازىلاش كېرەك بولغان رايونلار». ئاساسىي ھۆكۈمگە ئاساسلانغاندا، 9-ئايدا ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن، مۇھىت تەكشۈرۈش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىشنى ئۈزۈل-كېسىل تاماملاشتىن بۇرۇن، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەنە بىر قېتىم مەكتەپكە قايتىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ