مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى: ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ يۇقۇمغا چېتىشلىق تەكلىپى تىپىك بىر سىياسىي نەيرەڭدۇر

2020.05.27 14:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۇقۇمنىڭ ئامېرىكىدا داۋاملىق كېڭىيىشى ۋە يامرىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ تۈرلۈك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار يەنە جۇڭگونىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشتا ئاشكارىلىق دەرىجىسى كەمچىل، دەپ جۇڭگونى ئەيىبلەپ، ھەمدە ئامېرىكىدا يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىدا جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قاراپ، جۇڭگوغا قارىتا تەكشۈرۈش ۋە سۈرۈشتۈرۈپ تۆلەم ئېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قانات يايدۇرماقچى بولدى.

  ۋەكىل جېڭ شۇنا مۇنداق دېدى: جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جەريانىدا ئاشكارا ۋە مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە تۇتتى، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىدىكى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئېلان قىلىشنىڭ تەرتىپ بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بىرىنچى بولۇپ سىرتقا ئۇچۇر ئېلان قىلدى. جۇڭگونىڭ مەسئۇل تارماقلىرى يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ۋاقتىنى تەپسىلىي ئېلان قىلدى. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرگە يۇقۇم ئەھۋالىنى مەلۇم قىلدى، ۋىرۇس گېن تەرتىپى ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا تاماملاپ ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولدى. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ھەر كۈنى يۇقۇملانغان كېسەللەر سانى ۋە ئۆلگەنلەر سانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالدىنقى كۈندىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان دوختۇرخانا سىرتىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى كېيىن توغرىلاپ ئېلان قىلىپ، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، خەلق ھەممىدىن ئەلا، بولۇشتەك مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى.

  ۋەكىل شۈ ئەنبياۋ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى كۈچلۈك بولماسلىق، يۇقۇم ئەھۋالى داۋاملىق يامراپ كېتىشتەك ۋەزىيەت ئالدىدا، ئاتالمىش "ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى جۇڭگودىن كەلگەن" دېگەندەك سەپسەتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ھەتتا جۇڭگوغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ھېچ ئاساسى بولمىغان بىر سىياسىي نەيرەڭدۇر، ئۇ پۈتۈنلەي پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى مەسىلىسىدە، خەلقئارادىكى ئورتاق تونۇش شۇكى، بۇ كەسكىن بىر ئىلمىي مەسىلە بولۇپ، ئۇنى ئالىملار ۋە تېببىي مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن تەتقىق قىلىشى كېرەك، بۇنىڭدىن مەقسەت شۇكى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت. ئىلمىي يەكۈن چىقىرىشتىن ئىلگىرى، خالىغانچە يەكۈن چىقىرىش ۋە جىنايەت، دەپ پەرەز قىلىش ئەلۋەتتە كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ.

  ۋەكىل يۈ جىگاڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرى تەكلىپىدە يۇقۇم يامراپ كېتىش مەسئۇلىيىتىنى ھېچقانداق ئاساسى يوق ھالدا جۇڭگوغا ئارتىپ قويدى، ھەتتا جۇڭگودىن تۆلەم ئېلىشنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ