خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 37- قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 26- چېسلا چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ باش كاتىپىنى تولۇقلاپ سايلاش چارىسى (لايىھە) ۋە باش كاتىپ نامزاتلىرىنى تولۇقلاش ئىسىملىكى (لايىھە)، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى (لايىھە)، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى (لايىھە) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا يۇقىرىقى ھۆججەت لايىھەسىنى 27- ماي چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11- قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك 3- يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئەزالار بەلگىلەنگەن كۈنتەرتىپكە ئاساسەن، يىغىنغا ئەستايىدىل قاتناشتى، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتى، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكىسىنىڭ لايىھەسى قاتارلىقلارنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، ھەمدە ئۆز ساھەسى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىن بىخەتەر، تەرتىپلىك ۋە ئەمەلىي ئېچىلدى، ھەمدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ