مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شياڭگاڭ ساقچى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى 8000دىن ئارتۇق ئادەم نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋەقەسى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىندى، دېدى

2020.05.06 16:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى ساقچى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى دېڭ بىڭچياڭ 5-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2019-يىلى 6-ئايدىن 2020-يىلى 4- ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە 8001 كىشى نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋەقەسى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىندى، 1365 كىشى ئەيىبلەندى، 566 كىشى توپىلاڭ كۆتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى.

  دېڭ بىڭچياڭ شۇ كۈنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدە 3286 نەپەر ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ تەخمىنەن %41 ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 2019-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ قولغا ئېلىنغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپەيدى. قولغا ئېلىنغان ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇپ، باشقىلارنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغان، ساختا خەۋەرلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشى بىلەن ئۇلاردا ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە ساقچى ئەترىتىگە ئۆچمەنلىك پەيدا بولغان.

  دېڭ بىڭچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەزىلەر ئۆزىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز زوراۋانلىق قىلىپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ، ئوخشىمىغان پىكىردىكى زاتلارنى كەلسە- كەلمەس جازالاپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەردە «ئۆزىنىڭ توغرا دەپ قارىسىلا، ۋاسىتە تاللىماي زورلۇق ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت خاتا قاراش شەكىللەندۈردى ھەمدە مەسئۇلىيەتنى ھۆكۈمەت ۋە ساقچى ئەترىتىگە ئىتتىرىپ قويدى.

  شياڭگاڭ ساقچى باشقارمىسى قانۇن كېڭىشىگە تاپشۇرغان 2019-يىللىق شياڭگاڭنىڭ ئامانلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى قىسقا دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان زوراۋانلىق ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار كېيىنكى يېرىم يىللىق جىنايەت دېلولىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇۋەتكەن بولۇپ، 2019-يىلى شياڭگاڭدا ئومۇمىي جىنايەت دېلولىرىنىڭ سانى 59 مىڭ 225 پارچە بولۇپ، 2018-يىلىدىكىدىن 5000 پارچە كۆپىيىپ، %9.2 ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ