مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ چوڭ قەدەم ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2020.04.27 18:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ئاساسىي يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى». 4- ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد، بولۇپمۇ ياسىمىچىلىقنى پۇختىلاپ، كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى چۆرىدەپ كەسىپ زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ چوڭ قەدەم ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئېلىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېشىش تۈرتكىسىنى ئالماشتۇرۇشتەك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ___ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاشنىڭ زۆرۈر تەلىپى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ زۆرۈر تەلىپى. تۇيۇقسىز كەلگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مىسلىسىز زەربە ئېلىپ كەلدى، لېكىن يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش كەسكىن كۈرىشىدە ئېلىمىز ئىقتىسادى «بېسىم سىنىقى»غا بەرداشلىق بېرىپ، زور ئېلاستىكلىقنى نامايان قىلىپ، يۇقۇم زەربىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىم تەرەققىياتىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى تەۋرىتەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىرىزىس بىلەن پۇرسەت ھامان تەڭ پەيدا بولۇپ، بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، كىرىزىسنى يېڭىشنىڭ ئۆزى پۇرسەت، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا نۇرغۇن يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى بارلىققا كەلدى ۋە ئۇلارنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. بىز چوڭ يۈزلىنىشنى كۆزىتىپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، كۆز ئالدىمىزدىكى كىرىزىس ۋە خىرىستىن پۇرسەتنى تۇتۇش ۋە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش، خىرىسنى يېڭىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ