قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دەسلەپكى لايىھەسى، ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى، بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى داۋاملىق قاراپ چىقىلدى
ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دەسلەپكى لايىھەسى، ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى تۈزىتىلمىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىلدى
لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 1-ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ قېتىملىق يىغىن نەق مەيداندا قاتنىشىش ۋە توردا سىن ئارقىلىق قاتنىشىش ئۆزئارا بىرلەشكەن ئۇسۇلدا ئېچىلدى، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 123 كىشى نەق مەيداندا يىغىنغا قاتناشتى، 47 كىشى توردا سىن ئارقىلىق يىغىنغا قاتنىشىپ، جەمئىي 170 كىشى قاتناشتى، بۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ خۇينىڭ قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دەسلەپكى لايىھەسىنىڭ قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دەسلەپكى لايىھەنىڭ 3-قېتىم قاراپ چىقىلىدىغان نۇسخىسىغا داۋالاش تاشلاندۇقلىرى، بولۇپمۇ مۇھىم، زور يۇقۇملۇق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدىكى داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ شەھەر-يېزىلارنىڭ تۇرمۇش ئەخلىتىنى تۈرگە ئايرىشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ بىرتۇتاش پىلانلاپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرىنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش ئەخلىتىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر قوشۇلدى. ئاساسىي قانۇن قانۇن كومىتېتى تۈزىتىلگەن دەسلەپكى لايىھەنى بىر قەدەر پىشىپ يېتىلگەن دەپ قاراپ، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا سۇنۇش تەكلىپى بەردى.
(مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ).
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى