مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ: چوكانتال بايرىمىدا سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىپ بېيجىڭغا قايتقاندىن كېيىن يەنىلا 14 كۈن ئايرىۋېتىپ كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ

2020.04.02 17:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 1- كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى چېن بېي مۇنداق دېدى: بېيجىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولغان ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، بېيجىڭنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئازراقمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، چوقۇم ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تەلىپىنى قاتتىق ۋە ئەمەلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. چوكانتال بايرىمى مەزگىلىدە، ئەگەر بېيجىڭدىن سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىپ بېيجىڭغا قايتىپ كېلىش ئەھۋالى بولسا، ئالاقىدار خادىملار يەنىلا 14 كۈن ئايرىۋېتىپ كۆزىتىشكە ئالاقىدار تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بويسۇنۇشى كېرەك.

  بېيجىڭدا: باشقا جايلاردىن بېيجىڭغا داۋالىنىشقا كەلگەنلەرنى 14 كۈن ئايرىۋېتىپ كۆزىتىش كېرەك

  بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ شياۋجۈن مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جەھەتتە بېيجىڭ شەھىرىدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تەلەپلەر بويىچە، بېيجىڭغا قايتقانلار ۋە سىرتتىن بېيجىڭغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى 14 كۈنگىچە ئۆيىدىن سىرتقا چىقماي تۇرۇشى ياكى مەركەزلىك ھالدا ئايرىۋېتىلىپ كۆزىتىلىشى كېرەك. بېيجىڭ شەھىرى بېيجىڭ سىرتىدىكى بىمارلارغا تەكلىپ بېرىپ، ئۇلار يۇقۇم كۆرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە ئالدى بىلەن شۇ ئۆز جايىدا داۋالىنىپ، شۇ ئارقىلىق، بېرىش-كېلىش سەپىرىدىكى يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئازايتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بېيجىڭ شەھىرى يەنە تەكلىپ بېرىپ، شۇ جايدىكى داۋالاش ئىقتىدارى كەمچىل بولغان دوختۇرخانىلار تېزدىن داۋالاشقا تېگىشلىك بولغان بىمارلارنى داۋالاشقا توغرا كەلگەندە، شۇ خىل دوختۇرخانىلار بېيجىڭدىكى ئالاقىدار دوختۇرخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىمارلارغا كوللېكتىپ دىئاگنوز قويۇپ، ئاندىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا داۋالاش لايىھەسىنى بەلگىلەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ