خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 1- چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش ئىشى ھەقىقەتەن ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مەھسۇلاتقا ئىسپات بېرىش ئۆلچىمى جەھەتتىكى پەرق قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ. لېكىن، بۇ مەسىلىلەر يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ھەمكارلىقىدىكى توسالغۇ بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا،KN95 تىپلىق ماسكا بىلەن N95 تىپلىق ماسكا جۇڭگونىڭ سەپلىمە بۇيۇمى، ئەمما، ئامېرىكا يېمەكلىك-دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشنى رەت قىلغان. جۇڭگو بۇنىڭ پەرقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەمدۇ؟ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
راستىنى ئېيتسام، مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن، ئەگەر بۇ خەۋەر راست بولسا، ئامېرىكا بۇ قارارنى قانداق ئويلىشىدۇ ؟ دېدى خۇا چۈنيىڭ.
ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىدە، ماسكا ھەقىقەتەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشياسى، جۇڭگونىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىچكى ئېھتىياج مىقدارىمۇ ئىنتايىن زور. جۇڭگو كارخانىلىرى پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ ۋە كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىمكانقەدەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى ماددىي كاپالەتكە ئىگە قىلدۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ