خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2019- يىللىق داۋالاش كاپالىتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىستاتىستىكا قىلىش تېز گېزىتى»دە كۆرسىتىلىشىچە، 2019- يىلى مەركەز مالىيەسى 24 مىليارد 500 مىليون يۈەن داۋالاش-قۇتقۇزۇش ياردەم مەبلىغى ئاجراتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن 4 مىليارد يۈەنلىك مەخسۇس ياردەم مەبلىغىنى ئېغىر نامرات رايونلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان.
ئېلىمىز يەنە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى ۋە داۋالىنىش ياردىمى تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قولغا كەلتۈردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە ئۇنىۋېرسال كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتى 200 مىليون ئادەم (قېتىم)گە نەپ يەتكۈزۈپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن 4 مىليون 180 مىڭ ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن.
ئىستاتىستىكا تېز گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2019- يىلى بىر يىلدا 77 مىليون 820 مىڭ ئادەم ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، 61 مىليون 800 مىڭ ئادەم (قېتىم) بىۋاسىتە قۇتقۇزۇلغان. 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %99.9تىن ئاشقان.
جۇڭگو ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىلمىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ زۇڭفەن مۇنداق دېدى: بۇ سانلىق مەلۇماتلار ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش سالمىقىنى زورايتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئۇ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش-نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ