خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇ يىلقى چىڭمىڭ بايرىمىدا توردا قەبرە سۈپۈرۈش قاتارلىق نەق مەيدانغا بارمايدىغان قەبرە سۈپۈرۈش زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، دېدى
2020.04.02 17:13 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فەن يۈ 4-ئاينىڭ 1-كۈنى گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، بۇ يىلقى چىڭمىڭ بايرىمىدا نەق مەيدانغا بارمايدىغان قەبرە سۈپۈرۈش ئۇسۇلى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، توردا قەبرە سۈپۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئائىلىدە ياد ئېتىش، ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېردىكى ۋاكالىتەن قەبرە سۈپۈرۈش مۇلازىمىتى قاتارلىقلار قانات يايدۇرۇلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ