مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ ئەنگلىيەگە بارىدىغان ۋاقىتلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلار كۆپەيتىلىپ، چەت ئەلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىشىغا ياردەم بېرىدۇ، دېدى

2020.04.02 17:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. مۇخبىرلار يىغىنىنىڭ خاتىرىسى تۆۋەندىكىچە:

  مۇخبىر: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىش مەسىلىسىدىكى بىرقانچە ئويلىنىشىنى تونۇشتۇرغانىدى، كېيىنكى قەدەمدە قانداق كونكرېت تەدبىرلەر بار؟

  خۇا چۈنيىڭ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا باشتىن-ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى چەت ئەلدىكى نۇرغۇن جايلاردا پارتلىغاندىن كېيىن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق بارلىق كونسۇلخانا، ئەلچىخانىلاردىن ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتلىنىپ، بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. يېقىندا، دۆلەت مەخسۇس ۋاقىتلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن ئىران، ئىتالىيەلەردىن ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار خادىملارنى ۋەتەنگە تەرتىپلىك قايتۇرۇپ كەلدى. يېقىندا، يۇقۇمنىڭ يامراش، كېڭىيىشى سەۋەبلىك خەلقئارا يولۇچى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ مىقدارى زور دەرىجىدە كېمىيىپ، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان بەزى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىدە بەزى قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى، جۇڭگونىڭ ئېفىيوپىيە، كامبودژا قاتارلىق جايلاردىكى ئالاقىدار كونسۇلخانا، ئەلچىخانىلار خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن پائال ھەرىكەتلىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، تۇرۇشلۇق دۆلەت ھەم دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ ۋاقتىدا، ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى جىددىي ئىلگىرى سۈرۈپ، تەسىرگە ئۇچرىغان چەت ئەلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەتكە بىخەتەر قايتىشىغا ياردەم بەردى.

  ئەنگلىيەنىڭ نۆۋەتتىكى يۇقۇم ۋەزىيىتى ۋە شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچىلار دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ئويلىشىپ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق تارماقلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ ئەنگلىيەگە بارىدىغان ۋاقىتلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىپ، ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشىگە قولايلىق يارىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ