مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى، دېدى

2020.02.24 17:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-فېۋرال چۈشتە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن بۇيانقى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سىرتقا ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە شەھەرلەرنىڭ ھاۋا مۇھىتى، يەر ئۈستى سۈيى، ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنىڭ مۇھىت سۈپىتى مۇقىم بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان.

  ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 337 شەھەرنىڭ ھاۋاسىنى ئاپتوماتىك كۆزىتىپ ئۆلچەشتىن مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە 337 ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ياخشى كۈن سانى نىسبىتى %87.1 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.3 ئاشقان.

  1601 دۆلەت تورى سۇ سۈپىتى ئاپتوماتىك پونكىتىنىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2020- يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە يەر ئۈستى سۈيىنىڭ 1-تۈردىن 3-تۈرگىچە بولغان سۇ سۈپىتىنىڭ كەسمە يۈزى نىسبىتى %87.3 بولغان، 4- ۋە 5- تۈردىكى كەسمە يۈزى نىسبىتى %10.8 بولغان، ناچار 5-تۈردىكى كەسمە يۈزى نىسبىتى %1.9 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان.

  جەمئىي 6900 دىن ئارتۇق جايدىكى ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى كۆزىتىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، 2020-يىلى 2- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنىڭ سۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئەھۋالى بايقالمىغان. بۇنىڭ ئىچىدە 994 جايدىكى ئىچىملىك سۇ مەنبەسىگە قارىتا قالدۇق خلور تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلدى، يەتتە جايدىكى ئىچىملىك سۇ مەنبەسىدە قالدۇق خلور تەكشۈرۈپ چىقىلدى، قويۇقلۇقى تۇرۇبا سۈيى زاۋۇتىنىڭ سۇ چىقىرىش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولدى، باشقا جايدىكى ئىچىملىك سۇ مەنبەلىرىدە قالدۇق خلور تەكشۈرۈپ چىقىلمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ