خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ SCI ئىلمىي ماقالىسىنىڭ ئالاقىدار كۆرسەتكۈچىنى ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، توغرا باھالاش يۆنىلىشىنى تىكلەش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئىلمىي ماقالىنىڭ «SCI ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دېگەننى بۇزۇپ تاشلاشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مائارىپ مىنىستىرلىقى پەن-تېخنىكا مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپلەر «SCI ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دېگەننى بۇزۇپ تاشلاشنى بۆسۈش ئېغىزى، كىچىك كېسىش ئېغىزى، چوڭ بۇرۇلۇش قىلىپ، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك، ئەمەلىي، قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، «ئىلمىي ماقالە ھەممىنى بەلگىلەش»نى بۇزۇپ تاشلاپ، توغرا باھالاش يۆنىلىشى تىكلىشى كېرەك.
SCI ئىلمىي ماقالىسىنىڭ ئالاقىدار كۆرسەتكۈچى بىۋاسىتە پەن تەتقىقاتنى باھالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، ناھايىتى زور چەكلىمىلىككە ئىگە
باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي بولمىغان مائارىپ باھالاش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، نومۇر ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، ئۆرلەپ ئوقۇش ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، دىپلوم ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، ئىلمىي ماقالە ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، قالپاق ھەممىنى بەلگىلەيدىغان جاھىل كېسەلنى قەتئىي تۈگىتىپ، مائارىپ باھالاشتىكى «دىرىژورلۇق تايىقى» مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئىلمىي ماقالىدە «SCI ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دېگەننى بۇزۇپ تاشلاش، ئىلىم-پەن ئېكولوگىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى ساداسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى. «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: SCI ئىلمىي ماقالىسىنىڭ ئالاقىدار كۆرسەتكۈچى ئىلمىي باھالاشقا، شۇنداقلا ئۇنۋان باھالاپ بېكىتىش، نەتىجە-ئۈنۈمنى تەكشۈرۈپ باھالاش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، پەنلەر بويىچە باھالاش، بايلىق تەقسىملەش، مەكتەپلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يادرولۇق كۆرسەتكۈچكە ئايلىنىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەتقىقات خىزمىتىدە SCI ئىلمىي ماقالىسىنىڭ ئالاقىدار كۆرسەتكۈچىنى ھەددىدىن زىيادە قوغلىشىش، ھەتتا SCI ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىش سانى، تەسىر فاكتورى كۈچلۈك ئىلمىي ماقالە، نەقىل كەلتۈرۈش سانى كۆپ ئىلمىي ماقالىنى تۈپ نىشان قىلغان ئاينىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا قىممەت قوغلىشىشى بۇرۇلۇش، ئۆگىنىش ئىستىلى مۇبالىغىلىشىش ۋە كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، SCI دۆلەت ئىچى-سىرتىدا كەڭ قوللىنىلىدىغان پەن-تېخنىكا ھۆججەتلىرىنى ئىزدەش سىستېمىسى بولۇپ، كۇتۇپخانىدىكى كىتابلارنى تۈرگە ئايرىش كارتىسىغا ئوخشايدىكەن، تۈرگە ئايرىش سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئىلمىي ماقالىنىڭ تەتقىقات ساھەسى، يۆنىلىشى، نەقىل كەلتۈرۈش قېتىم سانىنى ئىستاتىستىكىلاش ئارقىلىق پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ھۆججەتلەرنى كۆرۈش، ئىلىم-پەننىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئەگىشىش، پەن تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى