مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشتىكى غەلىبە قىلىش كۈچى مۇجەسسەملەندى

2020.02.20 15:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى تارماقلار مەركەزنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكلىرىدىن بىرىدۇر

  يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىش ۋە ئۆزى قوماندانلىق قىلىش جەريانىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى تارماقلار چوقۇم مەركەزنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يەنە مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە قۇتقۇزۇش ۋە مۇداپىئە كۆرۈش بايلىقلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋۇخەن قاتارلىق يۇقۇم ئېغىر بولىۋاتقان رايونلارغا ياردەم بېرىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە تەڭشەپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش كۈچلىرىنى رايون بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاشنى چىڭ تۇتۇپ، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، 19 ئۆلكىنىڭ خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىدىن باشقا ۋىلايەت ۋە شەھەرلەرگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋۇخەن، خۇبېي ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى جەڭدە يېڭىپ چىقىشىمىزنى ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىزنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش ئېلىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ جانلىق ئىپادىسىدۇر. ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇشتىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغىچە، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش مېخانىزمى ئۆزىنىڭ غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇردى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، 19 ئۆلكە يەنىلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشكەن ۋىلايەت، شەھەرلەر بىلەن بىرىنچى ۋاقىتتا دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمەت لايىھەسىنى بىرىنچى ۋاقىتتا تۈزۈپ، سەرخىل كۈچلەرنى بىرىنچى ۋاقىتتا توپلاپ، ياردەمگە ئېرىشكەن ۋىلايەت ۋە شەھەرلەرگە بېرىپ، شۇ جايدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە، ئۇلارنى بۇ توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ قىيىن ھالقىسى يېتىپ كەلدى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن بولماقتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى تىركىشىش ھالىتىدە تۇرماقتا. شۇڭا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ زور سالماق ۋە تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، ئېلىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. (تولۇق تېكىستى ئۇلانمىسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ