مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەردىن 1886سى يېڭىدىن كۆپەيدى، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان كېسەللەر 12 مىڭ 552گە يەتتى، دېدى

2020.02.18 17:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەردىن 1886سى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېغىر كېسەللەردىن 1097سى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئۆلگەن كېسەللەردىن 98ى (خۇبېيدا 93ى، خېنەندە ئۈچى، خېبېي، خۇنەننىڭ ھەرقايسىسىدا بىردىن)، يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي كېسەللەردىن 1432سى بارلىقىنى دوكلات قىلدى.

  شۇ كۈنى، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان كېسەللەردىن 1701ى يېڭىدىن كۆپىيىپ، 27 مىڭ 908 قويۇق ئۇچراشقۇچىنى تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىش بىكار قىلىنغان.

  2-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەردىن 58 مىڭ 16سى (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر كېسەللەردىن 11 مىڭ 741ى)، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان كېسەللەردىن 12 مىڭ 552سى (بېيجىڭدا تەكشۈرۈپ كۆپەيگىنىدىن يەتتىسى)، جەمئىي ئۆلگەن كېسەللەردىن 1868ى، دوكلات قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەردىن 72 مىڭ 436سى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇشى بىڭتۇەنىدە تەكشۈرۈپ كۆپەيگىنىدىن ئىككىسى)، ھازىر بار بولغان گۇمانىي كېسەللەردىن 6242سى باركەن. جەمئىي 560 مىڭ 901 كىشى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ، تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتقان قويۇق ئۇچراشقۇچىدىن 141 مىڭ 552سى باركەن.

  خۇبېيدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەردىن 1807سى (ۋۇخەندە 1600ى)، يېڭىدىن كۆپەيگەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان كېسەللەردىن 1223ى (ۋۇخەندە 761ى)، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئۆلگەن كېسەللەردىن 93ى (ۋۇخەندە 72سى)، ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەردىن 50 مىڭ 338ى (ۋۇخەندە 37 مىڭ 152سى) بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر كېسەللەردىن 10 مىڭ 970ى (ۋۇخەندە 9222سى)بار. جەمئىي ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان كېسەللەردىن 7862سى (ۋۇخەندە 4219ى)، جەمئىي ئۆلگەن كېسەللەردىن 1789ى (ۋۇخەندە 1381ى)، جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەردىن 59 مىڭ 989ى (ۋۇخەندە 42 مىڭ 752سى) بار. يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي كېسەللەردىن 788ى (ۋۇخەندە 340ى)، ھازىر بار بولغان گۇمانىي كېسەللەردىن 4194ى (ۋۇخەندە 1799ى) بار.

  شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىدىن جەمئىي تاپشۇرۇۋالغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەردىن 92سى بولۇپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا 60ى (دوختۇرخانىدىن چىققىنىدىن ئىككىسى، ئۆلگىنىدىن بىرى)، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا 10ى (دوختۇرخانىدىن چىققىنىدىن بەشى)، تەيۋەن رايونىدا 22سى (دوختۇرخانىدىن چىققىنىدىن ئىككىسى، ئۆلگىنىدىن بىرى) بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ