مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىككى تارماق ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

خىزمەت سەۋەبىدىن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ قۇربان بولغان، دەپ باھالاش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلارنى ئىنقىلابىي قۇربان، دەپ باھالاش كېرەك

2020.02.18 16:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى يېقىندا بىرلىكتە «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە قۇربان بولغانلارنى "ئىنقىلابىي قۇربان" دەپ تەقدىرلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە قۇربان بولغانلارنى "ئىنقىلابىي قۇربان" دەپ باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى باھالاش (تەستىقلەش) شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلارنى "ئىنقىلابىي قۇربان" دەپ باھالاش (تەستىقلاش)نى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىدە، تەكشۈرۈش ئالدىدا تۇرغان كېسەللەر ياكى يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دېئاگنوز قويۇلغان كېسەللەر بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش، پەرۋىش قىلىش، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنى كونترول قىلىش، كېسەللىك ئەۋرىشكىسىنى ئېلىش، كېسەللىك مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ۋە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى يۆتكەش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلغان تېببىي خادىملار، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان خادىملار، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ قۇربان بولغانلار ياكى باشقا قۇربان بولغانلار ئىچىدىن"ئىنقىلابىي قۇربانلار" دەپ باھالاش (تەستىقلاش) شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى "ئىنقىلابىي قۇربان" دەپ باھالاش (تەستىقلاش) كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ