مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە ئاسپىرانتلارنىڭ قايتا ئىمتىھانىنىڭ كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقى ياكى كېچىكتۈرۈلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۇئاللارغا ئىنكاس قايتۇردى

2020.02.13 18:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- چېسلا چۈشتىن كېيىن گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزىمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مائارىپ سېستىمىسى بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تونۇشتۇردى.

  بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈش-كېچىكتۈرۈلمەسلىكى ھەققىدىكى سۇئالغا جاۋاب بەرگەندە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇي مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا يەنە تۆت ئايغا يېقىن ۋاقىت بار، يۇقۇمنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلغان ئاساستا، يۇقۇمنىڭ ئىمتىھاننى تەشكىللەشكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ۋاقتىدا باھالاپ چىقىپ، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىمىز، ھەمدە ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ۋاقتى كەلگەندە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىمىز.

  بۇنىڭدىن باشقا، ۋاڭ خۇي يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، يەنە بەزى ئىشلارنى ئۇقتۇردى. ئۇنىڭدا شۇلار ئېنىق كۆرسىتىلدىكى، ئەسلىدە يېقىندا قىلىنىدىغان ئىشلار قاتارىدىكى بەزى ئىشلار، يەنى ئۆز ئالدىغان نومۇر چېكى سىزىقى بېكىتىپ ئاسپىرانت قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بەرگەنلەردىن قايتا ئىمتىھان ئېلىش ئىشى ۋە ئالاقىدار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ دوكتورلۇق ئىمتىھانىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشى قاتارلىق خىزمەتلەر كېچىكتۈرۈلىدۇ. كونكرېت خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى بولسا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچى ئالاقىدار ئورۇنلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئۆلكە دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆز جايى ۋە ئۆز ئورۇنلىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ بېكىتىدۇ. ئەسلىدە 4- ئاينىڭ باشلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەملىكەتلىك ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ قايتا ئىمتىھان بېرىش خىزمىتىنىڭ كەينىگە ئۇزارتىلىش-ئۇزارتىلماسلىق مەسىلىسى ھەققىدە، يۇقۇمنىڭ تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا قاراپ ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ