مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ شەھىرى بۇ يىل 45 مىڭ يۈرۈش سىياسەت خاراكتېرلىك ئۆي سالىدۇ

2020.01.17 15:39 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى چېن جىنىڭ 1- ئاينىڭ 12- كۈنى بېيجىڭ 15- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- يىغىنىغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىپ، بېيجىڭ شەھىرى ئاھالىسىنىڭ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش يىلىدىكى گۈزەل تۇرمۇشىنى بىر گۇرۇپپا خەلق تۇرمۇشى ۋەدىسى ئارقىلىق تەسۋىرلەپ بەردى.

  بۇ يىل بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەشنى داۋاملىق چىڭ تۇتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى بويىچە ئىلمىي ئۇنۋاندىن يېڭىدىن 30 مىڭنى كۆپەيتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق يەسلىلىرىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتىنى %80 كە يەتكۈزىدۇ.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى. بۇ يىل بېيجىڭ شەھىرى كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇرلاپ يولغا قويىدۇ. يۇقىرى، نازۇك كەسىپلەر، شەھەرلەرنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىقلاردىكى ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا قارىتا، تىزىملىكلەشتۈرۈش، مۇندەرىجەلەشتۈرۈش، تىزىملىك شەكلىدىكى تەربىيىلەشنى يولغا قويۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانىلارنى، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ھەسسىلەپ ئۈنۈمىنى قويۇپ بېرىپ، شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن 280 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  بېيجىڭ شەھىرى بۇ يىل «تۇرىدىغان ئۆيى بولۇش» جەھەتتە بەرگەن ۋەدىسى شۇكى، «ئۆيدە ئولتۇرۇش، ھايانكەشلىك قىلماسلىق» تا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش، تەڭشەش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. بۇ يىل بېيجىڭ شەھىرى تاۋار ئۆي يېرىدىن 600 گېكتارنى ساقلاپ قويۇپ، تۈرلۈك سىياسەت خاراكتېرلىك ئۆيدىن 45 مىڭ يۈرۈش سالىدۇ. نۇقتىلىق كەسىپلەر رايونىنىڭ ئەتراپى، رېلىسلىق قاتناش لىنىيەسىدە، كوللېكتىپ يېرىنى ئىجارىگە بېرىدىغان ئۆي قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بېيجىڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىختىساسلىقلىرى، شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش خادىملىرى قاتارلىقلارنىڭ ئىجارە ئېھتىياجىنى تىرىشىپ قاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۇرالغۇدىن باشقا ئىمارەتلەرنى ئۆزگەرتىپ سېلىش ئىجارە تۇرالغۇسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تۇرالغۇ ئىجارە بازىرىنىڭ تەرتىپىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. 2019- يىلى بېيجىڭ بىر تۈركۈم ئىجارىگە بېرىلىدىغان ياتاقلارنى سېلىپ، تېز يەتكۈزگۈچى قاتارلىق ئىشلەمچىلەرنىڭ ياتاق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ