مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خۇاڭ كۈنمىڭ مەملىكەتلىك «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

«شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش لازىم

2020.01.17 14:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، 33-قېتىملىق مەملىكەتلىك «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، توغرا يولدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پىكىر-تەدبىرلەرنى كېڭەيتىپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  خۇاڭ كۈنمىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» سېپىدىكىلەر قاتتىق جەڭ قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، يارقىن نۇقتىلار كۆپ بولدى، يېڭىلىق يارىتىپ، كۆرۈنەرلىك خىزمەت ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە ياخشى كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ ئاخىرقى يىلى، مەسئۇلىيەت-بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ساقلاپ، كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پائال، ساغلام، ئالغا ئىنتىلىدىغان ئىجتىمائىي مەدەنىيەت مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىش كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان سېرىق، قانۇنسىزلىققا چېتىلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، توردىكى شەھۋانىي ئۇچۇر، قانۇنسىز، زىيانلىق بالىلار نەشر بۇيۇملىرى ۋە ئۇچۇر، ئاخبارات ئالدامچىلىقى ۋە ساختا تاراتقۇلار، ساختا مۇخبىرلار پونكىتىدىكى ساختا مۇخبىر، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ئوغرىلىقچە نەشر قىلىش قىلمىشى قاتارلىقلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، تور ئېكولوگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ساپلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئەخلەتلىرىنى قەتئىي سۈپۈرۈپ تاشلاش كېرەك. تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تۈزەش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا 2019-يىللىق مەملىكەتلىك «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» بويىچە ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر تەقدىرلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ