خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى نەشر قىلىنغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 2-سانىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 3- كۈنى ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 11- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان «تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئاچايلى» دېگەن مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىندى.
سۆزدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەمىز قۇرۇلغاندىن باشلاپلا ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا دەل پۈتۈن پارتىيەنى ماركسىزملىق پەلسەپە ئارقىلىق تەربىيەلەش ۋە قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. تارىخىي ماتېرىيالىزم ماركسىزملىق پەلسەپىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتى توغرىسىدىكى پەن. تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرغاندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئاچالايمىز. پۈتۈن پارتىيەنىڭ تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسى ۋە مېتودولوگىيەسىنى ئىگىلىشىگە، دۆلەت ئەھۋالىنى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى، تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشىغا، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ پائالىيەتچانلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ