مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

2020.01.16 16:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

  (2020-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى 2020- يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن 133 كىشى، 246 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، 2019-يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، 2020-يىللىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يولداش جاۋ لېجى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلايلى» تېمىسىدىكى خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى ۋە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلدى. يىغىندا بىردەك مۇنداق دەپ قارالدى: مۇھىم سۆز «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يولى، ئۈنۈملۈك تۈزۈمىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن «نېمىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش، نېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش» تىن ئىبارەت زور مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما چىقاردى.

  مۇھىم سۆز يۇقىرى پەللىدە تۇرۇپ ئومۇمىيەتنى ئىگىلىگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يىراقنى كۆرەلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك نەزىرى، خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ-خەتەرنى ئويلايدىغان سىياسىي سەگەكلىكى، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىشنى تولۇق نامايان قىلغان بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلار قوشۇنىدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتۈپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «قاتتىق بولۇش»تەك ئاساسىي رىتىمدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى چىڭىتىپ، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ