مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق 20 تارماق «ھەربىيلەر، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋە باشقا نەپىقە ئوبيېكتلىرىغا ئېتىبار بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2020.01.15 16:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 20 تارماق بىرلىشىپ «ھەربىيلەر، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋە باشقا نەپىقە ئوبيېكتلىرىغا ئېتىبار بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، كەلگۈسىنى كۆزلەپ ئېتىبار بېرىش خىزمەت سىستېمىسى ئورنىتىپ، خىزمەتتىكىلەر بىلەن سەپتىن چېكىنگەنلەرنى جىپىسلاشتۇرۇش، ئېتىبار بېرىش بىلەن تۆھپە قوشقانلارنى ماسلاشتۇرۇش، غەمخورلۇق قىلىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، ھازىر بىلەن كەلگۈسىنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق تۆت تۈرلۈك پىرىنسىپتا ئېنىق چىڭ تۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئېتىبار بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بۇ، نەپىقە ئوبيېكتلىرىنى جەمئىيەت ھۆرمەت قىلىش دەرىجىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش، ھەربىيلەرنى پۈتۈن جەمئىيەت ئىززەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «پىكىر» جەمئىيەت ئېتىبار بېرىش سىستېمىسى رامكىسى ئورنىتىپ، شان-شەرەپ بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش، تۇرمۇش، كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، مائارىپ، مەدەنىيەت-قاتناش، باشقا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق سەككىز جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، قانچە كۆپ تۆھپە قوشقانسېرى شۇنچە كۆپ ئېتىبار بېرىشتەك روشەن يۆنىلىش تۇرغۇزۇپ، ئېتىبار بېرىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ