مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەھەر-بازارلاردا بۇلتۇر 13 مىليون 520 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى

ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، نىشان ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى

2020.01.15 16:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2019-يىلى 4-پەسىللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. 2019-يىلى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، پۈتۈن بىر يىلدا شەھەر-بازارلاردا 13 مىليون 520 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئۇدا يەتتە يىل 13 مىليون ئادەمدىن ئېشىپ كەتتى؛ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم بولدى، يىل ئاخىرىدا ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ قالدۇقى 6.85 تىرىليون يۈەنگە يەتتى.

  مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى سىجىل كۈچلۈك بولدى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يىڭ: «ئىستاتىستىكىلىق كۆزىتىش ۋە ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، نىشان- ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى»، دېدى.

  −− ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى. پۈتۈن بىر يىلدا شەھەر-بازارلاردا 13 مىليون 520 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، 13 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىش داۋاملىق ساقلاپ قېلىندى؛ 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى ئىشسىزلىقنى تىزىملاش نىسبىتى %3.62 بولۇپ، بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىدى

  −− ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ ئايلىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە پائال ئىلگىرىلەش بولدى. پۈتۈن بىر يىلدا شەھەر-بازارلاردىكى ئىشسىزلاردىن 5 مىليون 460 مىڭ كىشى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلاردىن 1 مىليون 790 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئەمگەك كۈچلىرىدىن جەمئىي 12 مىليون 130 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 2 مىليون 250 مىڭ ئادەم كۆپ بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ