مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 1 مىليارد 260 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى

دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا دەرىجىلىك ئايروپورت توپى دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملەشتى

2019.11.13 16:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئايروپورت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ رۈي مۇنداق دېدى: 2009-يىلىدىن ھازىرغىچە دۆلىتىمىزنىڭ پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە ئايروپورت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئەڭ تېز، تەرەققىيات سۈپىتى ئەڭ يۇقىرى، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئەڭ كۈچلۈك مەزگىل بولدى، ئايروپورت سانى ئەڭ كۆپ، بىخەتەرلىكى مۇقىم، مۇلازىمىتى ياخشى، باشقۇرۇلۇشى پۇختا، تېخنىكىسى يېڭى، رولى كۈچلۈك بولۇپ، ئايروپورت ئىشلىرىدا پۈتۈنلەي يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى.

  جاڭ رۈي مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئايروپورت قۇرۇلۇشى تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بىر تەرەپتىن، ئايروپورت سانى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، تورلاشقان قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. گۇۋاھنامە بېرىلگەن تىرانسپورت ئايروپورتى 158دىن 238گە، ئايروپورت زىچلىقى ھەر 100 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىكى 1.6دىن 2.5كە كۆپەيدى، گۇۋاھنامە بېرىلگەن ھەممىباب ئايروپورت 25تىن 240قا كۆپىيىپ، مىقدار جەھەتتە تىرانسپورت ئايروپورتىدىن ئېشىپ كەتتى. يەنە بىر جەھەتتىن، ئايروپورت قۇرۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، بىر تۈركۈم دۇنيا سەۋىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئايروپورت ئۈلگە قۇرۇلۇشى مەيدانغا كەلدى. بېيجىڭ داشىڭ ئايروپورتى، كۈنمىڭ چاڭشۈي ئايروپورتى، پۇدۇڭ ئايروپورتىنىڭ ۋېيشىڭ زالى ۋەكىللىكىدىكى بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلار سېلىندى.

  ئايروپورتنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى سانلىق دەرىجە بويىچە ئاشتى. پۈتۈن مەملىكەت ئايروپورتىنىڭ يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 410 مىليون ئادەم قېتىمدىن 1 مىليارد 260 مىليون ئادەم قېتىمغا كۆپىيىپ، ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش- قونۇش قېتىم سانى 4 مىليون 230 مىڭدىن كۆپىيىپ 11 مىليون 90 مىڭغا يەتتى؛ دۇنيا دەرىجىلىك ئايروپورت توپى دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملەشتى. 2018-يىلى بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ ئايروپورت توپىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 610 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %48ىنى ئىگىلىدى. چاڭجياڭ دېلتىسى ئايروپورت توپىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى بەش چوڭ ئايروپورت توپىغا كىردى؛ تۈگۈن ئايروپورتىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. 10 مىليون دەرىجىلىك ئايروپورت ئونى 37گە كۆپىيىپ، سەككىز ئايروپورت دۇنيا بويىچە 50 چوڭ ئايروپورت قاتارىغا كىردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ