مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تۈزەش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش

_ _ ج ك پ 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2019.11.06 15:20 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى روشەن ئەۋزەللىككە ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە تۈزۈم ھېسابلىنىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇش بولسا، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىدۇر.

  پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ۋە كەلگۈسىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىر پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە بولسا، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئىلمىي پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، يىراق-يېقىنلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، يەنى، بىرىنچىدىن، چىڭ تۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش، ئىككىنچىدىن، مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئۈچىنچىدىن، رىئايە قىلىپ ۋە ئىجرا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى بولسا، پۇختا ۋە مۇكەممەل بولغان ئىلمىي تۈزۈم سىستېمىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا تۆت لىم ۋە سەككىز تۈۋرۈك خاراكتېرىدىكى رول ئوينايدىغىنى تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم ۋە مۇھىم تۈزۈمدۇر، ھەمدە بۇنىڭدا رەھبەرلىك ئورنىغا ئىگە بولغىنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمىدۇر. بىز ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا، چوقۇم پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتەك تۈپ تەلىپىنى ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈپ تۈزۈمى، ئاساسىي تۈزۈمى ۋە مۇھىم تۈزۈمى بولسا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئىشلىرى ئۈچۈن چىقىرىلغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسىدۇر. بىز مەيلى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىياسەت-تەدبىرلەرنى تۈزۈشتە بولسۇن، ياكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا بولسۇن، مۇشۇ تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلىشىمىز، ھېچقانداق خاتالىققا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. يۆنىلىشچانلىققا ئىگە مەسىلىلەرگە چېتىلغاندا، چوقۇم بۇ تۈزۈملەرنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك. تۈزۈم قاتلىمىغا چېتىلىدىغان چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە، بايرىقىمىز روشەن بولۇشى، مەيدانىمىز مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماسلىقىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ