مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەستىقى بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.10.18 15:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا «يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنىڭ تۈپ مىزانى، فۇنكسىيەلىك ئورنى، بۇرچ ۋەزىپىسى، ئۆز قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئېنىق ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئارمىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسىلىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتىن تەپتىش قىلىش، قانۇن بويىچە تەپتىش قىلىش، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق تەپتىش قىلىش، پاكلىق بىلەن تەپتىش قىلىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئارمىيەمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە زامانىۋى ئارمىيە ئىقتىسادىي تەپتىش تۈزۈمىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئارمىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش − پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنىڭ مۇھىم نازارەت قىلىش ۋاسىتىسى، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئىقتىسادىي تەپتىشلىك بويىچە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك بويىچە كېيىنكى تۈزەشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇختا نازارەت قىلىش تورى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك بويىچە نازارەت قىلىشنىڭ ئومۇمىي بىرىكمە كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ