شى جىنپىڭ يېڭى زېلاندىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى جون كېي بىلەن كۆرۈشتى

2019.10.17 14:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16- چېسلا خەلق سارىيىدا يېڭى زېلاندىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى جون كېي بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەت چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگونىڭ تاشقى ھەمكارلىق ئارزۇسى ئاجىزلاشمىدى، بەلكى تېخىمۇ كۈچەيدى. جۇڭگو تىنچ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرسا، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى تېخىمۇ ئېچىلىدۇ. بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جون كېي ئەپەندى زۇڭلى بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى، سىزنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ