خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىللىق جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى تېز تەرەققىي قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىيات، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو يەر شارىۋى يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ