خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا پەن-تېخنىكا ۋە تەرەققىيات مۇنبىرى 16- چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پەن ـ تېخنىكا ھازىر ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە بىلەن چوڭقۇر ماس تەرەققىي قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق سىجىلچان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسا، ھەرقايسى دۆلەتلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان بەزى مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مۇقەررەر يولى بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ