مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

بۇ يىللىق باجنى كېمەيتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، تەرەققىياتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى؛ تېخىمۇ ئەلا تىجارەت-سودا مۇھىتى ئارقىلىق، تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

2019.10.17 17:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، بۇ يىللىق باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش دوكلاتىنى ئاڭلاپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، تەرەققىياتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى؛ تېخىمۇ ئەلا تىجارەت-سودا مۇھىتى ئارقىلىق، تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، بۇ يىلدىن بۇيان ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدىنقى سەككىز ئايدا مەملىكەت بويىچە 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇپ، توغرىلىنىدىغان ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»نى ياخشى ئىشلەش، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاشتا مۇھىم تىرەكلىك رول ئوينىدى. مۆلچەر بويىچە ھېسابلاشقا قارىغاندا، پۈتۈن يىلدا باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن. كېيىنكى قەدەمدە، بىرىنچىدىن، باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ھەقىقىي، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلار ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، ياسىمىچىلىق قاتارلىق ئاساسلىق كەسىپلەرنىڭ باج سېلىقىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىش، بىناكارلىق ۋە قاتناش-تىرانسپورت قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ باج سېلىقىنى بىر ئاز تۆۋەنلىتىش، قالغان ساھەلەرنىڭ باج سېلىقىنى كېمەيتىپ ئاشۇرماسلىق كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كارخانىلارغا چېتىشلىق ھەق ئېلىشنى يەنىمۇ تۈزەش كېرەك. ئىككىنچىدىن، جايلارنىڭ مالىيە خامچوتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت «غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئادەتتىكى چىقىمنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام مالىيە قىيىنچىلىقى بار جايلارنىڭ مائاشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئايلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش كېرەك. قوشۇلما قىممەت بېجىنى تۇتۇپ قېلىپ باج قايتۇرۇشنى ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىسمەن رايونلارنىڭ مالىيە بېسىمىنى يېنىكلىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، دىققەتنى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ياسىمىچىلىق نۇقتىلىق كەسىپلىرىدە تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىش نىسبىتىنى تەتقىق قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ