خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-قېتىملىق دۆلەت نامراتلارنى يۆلەش كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، نامراتلىققا داۋاملىق جەڭ ئېلان قىلىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە قەيسەرلىك بىلەن زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭخۇا مىللىتىنى نەچچە مىڭ يىل قىيناپ كەلگەن مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىنىدۇ، بۇ، يەر شارى بويىچە نامراتلىقنى ئازايتىش ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ھەل قىلغۇچ جەڭدە غەلىبە قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئاخىرلىشىدىغان ھالقىلىق باسقۇچقا كەلدى. جايلار، تارماقلار نىشاننى چىڭ تۇتۇپ، غەيرەت قىلىپ، كۆك نامراتلىق قورغىنىنى قەتئىي بويسۇندۇرۇپ، نامرات ئاھالىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ ۋە ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىدىكى كەمتۈكلۈكنى كۈچەپ تولۇقلاپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشى كېرەك. ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتتە غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ