مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار» تەكلىپ نامزاتىنى ئېلان قىلىش ئېلانى

2019.09.16 15:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئىلغار نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىش، ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تارىخ ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى بىرلىكتە «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار»دىن ئۆگىنىش ۋەئۇلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كىشىلەرنى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىلىرىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاپ، يېڭى جۇڭگونىڭ جاپا-مۇشەققەتلىك كۈرەش مۇساپىسىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، ۋەتەنگە تۆھپە قوشۇش، ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە يېڭى جۇڭگونى مەدھىيەلەيدىغان، يېڭى دەۋر ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان كۆتۈرەڭگۈ مېلودىيەنى ياڭرىتىش كېرەك.

  پائالىيەت ئاساسلىقى تەۋسىيە قىلىپ يوللاش، ئامما بېلەت تاشلاش، تەكشۈرۈپ ئېلان قىلىش، تەشۋىق قىلىپ ئېلان قىلىش، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش قاتارلىق ھالقىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان جايلار، ساھەلەر، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپى ۋە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىن كەلگەن ئىلغار نەمۇنىچىلارنى باھالاپ تەقدىرلەيدۇ. جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكلىپلىرىگە ئاساسەن، ھەمدە مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار»نى باھالاش ۋە تەقدىرلەشكە مۇناسىب كىشىلەر سانى دەسلەپكى 200 دىن 300 گە تەڭشەلدى. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، باھالاش جەريانىدا قىسمەن پېشقەدەم قەھرىمانلار، پېشقەدەم نەمۇنىچىلار، پېشقەدەم ئىلغارلار، پېشقەدەم تىپىك شەخسلەر ۋە كوللېكتىپلار تولۇقلاندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ