شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-قازاقىستان مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىردەك قارار قىلدى

2019.09.12 14:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- چېسلا خەلق سارىيىدا قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىردەك مۇنۇلارنى قارار قىلدى: ئىككى تەرەپ جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش ۋە ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش روھى بويىچە، جۇڭگو-قازاقىستان مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يەنە ئون نەچچە كۈندىن كېيىن، بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەيمىز. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا قاراپ ماڭماقتا. بۇ جەريان ئەزەلدىن ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، لېكىن، تاشقى ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىز بار، ھەرقانداق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ-خەتەر بىزنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ. مۇقىم، ئېچىۋېتىلگەن ۋە گۈللەنگەن جۇڭگو باشتىن-ئاخىر دۇنيانىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ پۇرسىتى بولۇپ قالىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ