لى كېچياڭ جۇڭگو-ئامېرىكا كارخانىچىلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ئامېرىكا ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم سۆھبەتلەشتى

2019.09.11 15:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەينىڭ زىگۇاڭ زالىدا جۇڭگو-ئامېرىكا كارخانىچىلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن ئامېرىكا ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئامېرىكا سودا -سانائەت كارخانىلىرى ساھەسى ۋە سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋەكىللىرى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ كۆز قارىشى ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لى كېچياڭ ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئايرىم- ئايرىم ھالدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت، ئىككى دۆلەتنىڭ كەڭ ئورتاق مەنپەئەتى بار. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشتىكى باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان ئىختىلاپنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشى كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كېڭىيىدۇ، بازارلاشقان، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتى يارىتىشقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، دۆلەت ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرغان ئىچكى مەبلەغ ياكى تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق كەسپى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلدى، مۇلازىمەت كەسپىنى ئېچىۋېتىشمۇ تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى. جۇڭگونىڭ كەڭ بازىرى بار، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز.

  ئامېرىكا ۋەكىللىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يەردە ئولتۇرغان ئامېرىكا كارخانىلىرى ئۇزاق مۇددەت ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قاتنىشىپ ۋە شاھىت بولۇپ، جۇڭگودا پائال كەسىپ ئېچىپ، جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق پۇرسىتى ئىزدىدى. ئامېرىكا كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش يېڭى تەدبىرىدىن ئىلھاملاندى، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىگە يىراقنى كۆزدە تۇتۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى ئايرىۋېتىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا كېڭىشىدە پائال ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، بالدۇرراق كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش چارىسىنى تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

  خې لىفېڭ، زېڭ پېييەن يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ