خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 9- چېسلا چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 10- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان مەركەز بېكىتكەن تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئالدىنقى باسقۇچلۇق مۇھىم نۇقتا ئۇل ئىستىھكاملىرىنى پۇختىلاش ۋە تۈۋرۈك لىم تىكلەش، ئوتتۇرا مەزگىللىك مۇھىم نۇقتىلاردىكى خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يىلتىزىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ كۈچىنى يېتىلدۈرۈش، نۆۋەتتە كۈچنى ۋە سىستېمىنى توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىپ يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا قويۇپ، ھەمدە بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان بىز ھەل قىلىۋاتقان تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇ ۋە مېخانىزم خاراكتېرلىك توسالغۇلارنى ھەل قىلىش ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى ۋە تېخىمۇ مۇقىملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا «ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر»، «سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «ئەمگەك كۈچى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي كۆچمە تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مائارىپ، ئوقۇتۇشقا ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»، «مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى»، «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تىنچ-ئامان جۇڭگو بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، « يېشىل تۇرمۇش بەرپا قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»، «دۆلەت پۇل مۇئامىلە كاپىتالى مەبلەغ چىقارغۇچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»،« سۇلياۋدا بۇلغىنىشنى تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىقلار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ