لى كېچياڭ خې يىچېڭ بىلەن كۆرۈشتى

خې يىچېڭنى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5 - نۆۋەتلىك باش مەمۇرىلىقىغا تەيىنلىگەنلىك ھەققىدە گوۋۇيۈەن پەرمان چىقاردى

خەن جېڭ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2019.09.12 14:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەيدە خې يىچېڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇرىلىقىغا تەيىنلىگەنلىك ھەققىدە گوۋۇيۈەننىڭ 719- نومۇرلۇق پەرمانىنى تارقاتتى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  لى كېچياڭ ئالدى بىلەن خې يىچېڭنىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇرىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن بۇيان، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنى ۋە نېگىزلىك قانۇن ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئىقتىساد تېز ئاشتى، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، تۈرلۈك ئىشلار كۆرۈنەرلىك ئالغا سۈرۈلدى، جەمئىيەت ئىناق ۋە مۇقىم بولدى، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. بۇ، ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك باش مەمۇرنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەدىكىلەرنى يېتەكلەپ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ئۇنى مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكى جايلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ