شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە بايراملىق سالام يوللىدى

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى

2019.09.11 14:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 35- قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، 2019- يىللىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ۋە مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 10- چېسلا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە بايراملىق سالام يوللىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا كەلدى، زالدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر ئارىسىغا كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پات-پات پاراڭلاشتى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز مائارىپىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار باشقىلارغا ئۈلگە بولۇپ، قېتىرقىنىپ ئادەم تەربىيىلەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى. مەن كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ داۋاملىق تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتتلەردىن ئومۇميۈزلۈك يېتىشكەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تەربىيىلەشنى چۆرىدەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئوقۇتۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ قورساق بولۇشقا ھۆرمەت قىلىپ، قاتتىق كۆيۈنۈپ، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان «تۆتتە بولۇش»تەك ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ