شى جىنپىڭ خې يىچېڭ بىلەن كۆرۈشتى

خەن جېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

2019.09.12 14:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يېڭىدىن سايلانغان ھەمدە مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇرى خې يىچېڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ خې يىچېڭنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇرىلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، سىز ۋەتەننى، ئاۋمېننى سۆيۈش مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاۋمېن جەمئىيىتىگە قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئاۋمېن قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ خىزمەتلىرىنى ئۈستىڭىزگە ئالغان مەزگىللەردە پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتىڭىز. مەركەز بۇنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. بۇ قېتىمقى باش مەمۇر سايلىمىدا، سىز يۇقىرى ئاۋاز بىلەن نامزاتلىقا كۆرسىتىلىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سايلاندىڭىز. بۇ، ئاۋمېن جەمئىيىتىنىڭ سىزنى كەڭ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ