خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كۇتۇپخانىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقى ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت كۇتۇپخانىسىدىكى سەككىز پېشقەدەم مۇتەخەسسىسكە جاۋاب خەت يېزىپ، دۆلەت كۇتۇپخانىسىدىكى بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ھەمدە ئۇلارنىڭ دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ سوتسىيالىستىك كۈچلۈك مەدەنىيەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىلەر دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭلار، سىلەر يەنە سىلەرنىڭ «مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش»تەك ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرغانلىقىڭلارنى نامايان قىلدىڭلار.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 110 يىلدىن بۇيان، دۆلەت كۇتۇپخانىسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى. دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئادەملىرى بۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلدى. بۇ يەردە مەن دۆلەت كۇتۇپخانىسىدىكى بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ