مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەرقايسى شەھەرلىك، ناھىيەلىك ئورگان ۋە ئۇلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ھەمدە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار 2 – تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى

يۇقىرى ئۆلچەمدە باشلاش يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش (ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش بۇرچنى زىممىگە ئېلىش پەرقلەرنى تېپىش ئەمەلىيلەشتۈرۈش تۇتۇش • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش)

2019.09.11 16:10 مەنبە: خەلق تورى

  «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ 1- تۈركۈمىدىكىنى خۇلاسىلەش ھەم 2- تۈركۈمىدىكىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئېچىلىپ، 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىشقا سەپەرۋەر، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كەلدى. خېبېي، ئىچكى موڭغۇل، شاڭخەي، جياڭسۇ، ئەنخۇي، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭشى، چۇڭچىڭ، گۇيجوۋ، گەنسۇ، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى شەھەرلىك، ناھىيەلىك ئورگانلار ۋە ئۇلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ھەمدە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار 1 - ۋاقىتتا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتتى.

  ■ پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇش، بۇرچقا يېتەكچىلىك قىلىش

  ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت باش لىنىيەنى چۆرىدەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەينەن ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، نەزەرىيە ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، نەزەرىيە ئارقىلىق بۇرچقا يېتەكچىلىك قىلدى.

  ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 34 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، نېمىنى ئۆگىنىش، نېمىنى ئۆزگەرتىش ۋە قانداق ئۆگىنىش، قانداق ئۆزگەرتىشنى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇردى؛ پارتىيە مەكتىپى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەش بازىسى، كۆكخوت ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى ۋە «1+4+ N» پارتىيە ئەزالىرى - ئامما پائالىيەت مۇلازىمەت مەركىزى سىستېمىسىغا تايىنىپ، بارلىق پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلىدى.

  گۇاڭشى گۇيلىن شەھىرى بىنياڭ ناھىيەسى «شى جىنپىڭنىڭ <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» قاتارلىق ئۆگىنىش ماتېرىيالىدىن 50 مىڭدىن ئارتۇقنى تارقىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، بۇرچقا يېتەكچىلىك قىلىشىغا تۈرتكە بولدى؛ لىنگۇي رايونى 1 - تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئىلغار ئورۇنلارنىڭ تەجرىبە ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىش مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلەپلىرىگە توغرىلىنىپ، ئالدىن ئۆگەندى، ئالدىن تەتقىق قىلدى، ئالدىن تەكشۈردى، ئالدىن تۈزەتتى؛ لىڭچۈەن ناھىيەسى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، يېڭىدىن باش تېما تەربىيەسى سارىيى قۇرۇپ، ئەمەلىي دەرسخانا بەرپا قىلدى.

  مارشال نيې رۇڭجېننىڭ يۇرتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چۇڭچىڭ شەھىرى جياڭجىن رايونى باش تېما تەربىيەسىدە قىزىل بايلىقنى چوڭقۇر قېزىپ پايدىلىنىپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەسلىي مەقسەتنى ھەرىكىتىدە كۆرسىتىش، بۇرچنى ئىش ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلىدى؛ چۇڭچىڭ باجدىن خالىي رايونلۇق باج ئىدارىسى باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىدىكى كەمتۈك، قىيىن مەسىلىلەرنى توغرا تاپتى.

  ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى چۈشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتتى، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتتى، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ