مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە يەرلىككە تېخىمۇ زور قانۇن چىقىرىش بوشلۇقى بېرىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ
2019.09.11 15:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 40 يىلدىن بۇيان تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، يەرلىكنىڭ قانۇن چىقىرىش رولى كۈنسېرى كۈچەيدى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى مۇۋاپىق پەيتتە ئالاقىدار قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەرلىككە تېخىمۇ زور قانۇن چىقىرىش بوشلۇقى ھازىرلاپ بېرىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن چىقىرىش خىزمىتى ئالماشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بەزى جايلار ھازىر بار بولغان يەرلىك قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى دائىرىسىنىڭ بەك تار ئىكەنلىكىنى، بوشلۇقنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەرلىككە تېخىمۇ چوڭ قانۇن چىقىرىش بوشلۇقى بېرىش تەكلىپىنى بەرگەن. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلىۋۋتىپتۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ