مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سانائەت دۆلىتى نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەش (سەلتەنەتلىك 70 يىل، كۈرەشچان يېڭى دەۋر. يېڭى جۇڭگونىڭ قاينام - تاشقىنلىق يىللىرى)

2019.09.11 15:38 مەنبە: خەلق تورى

  1953-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئەنشەن پولات-تۆمۈر شىركىتى ئۇلاقسىز پولات تۇرۇبا زاۋۇتىنىڭ گۈدۈكى چېلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئۇلاقسىز پولات تۇرۇبىسى پىروكاتلاپ چىقىلدى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ سانائەت دۆلىتىگە بۇرۇلۇش يولىدا پۇختا قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئېلىمىزنىڭ سانائەت ئاساسى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، بۇنداق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرالمايتتى. 1952-يىلى خەلق ئىگىلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، زامانىۋى سانائەتنىڭ ئېلىمىز سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىمۇ ئاران %26.6 بولدى، ئېغىر سانائەتنىڭ سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاران % 35.5 بولدى. يېڭى جۇڭگونىڭ بىرىنچى بەش يىللىق پىلانىدا (1953-1957) ئالدى بىلەن ئېغىر سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سانائەتلەشتۈرۈشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

  1054-يىلى جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى «1-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەم بېرىدىغان 156 تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇشنى بېكىتتى، بۇ قۇرۇلۇشلار پولات-تۆمۈر، رەڭلىك مېتال، كۆمۈركان، نېفىت ئايرىش، ئېغىر تىپتىكى ماشىنىلار، ئاپتوموبىل، تىراكتور ياساش، خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ. 1955-يىلى 7-ئايدا 1-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى «خەلق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى تۇنجى بەش يىللىق پىلان»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. بەش يىل ئىچىدە دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا سالغان ئومۇمىي مەبلىغى 76 مىليارد 640 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالتۇنغا سۇندۇرغاندا 700 مىليون سەردىن ئارتۇق بولدى، بۇنداق غايەت زور قۇرۇلۇش مەبلىغىگە كونا جۇڭگونىڭ ھەر قايسى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلىرى يېتەلمەيتتى.

  1-بەش يىللىق پىلان ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىدى. يېڭى جۇڭگونىڭ سانائەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان نۇرغۇن سانائەت مەھسۇلاتلىرى ياساپ چىقىلدى: 1954-يىلى 7-ئايدا «دەسلەپكى ئوقۇتۇش 5» ئايروپىلانى سىناق تەرىقىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇرۇلدى، بۇ، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتىنىڭ رېمونت باسقۇچىدىن ياساش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ 1956-يىلى 7-ئايدا توشۇش ئېغىرلىقى تۆت توننا كېلىدىغان «ئازاد» ماركىلىق يۈك ئاپتوموبىلى سىناق تەرىقىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقىلدى، بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى مۇستەقىل ئىگىلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ 1956-يىلى 9-ئايدا ئېلىمىزدە ياسالغان B2-34 تىپلىق ئوتتۇرا تىپتىكى تانكا موتورى دۇنياغا كېلىپ، جۇڭگونىڭ تانكا موتورىنى ياسىيالماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى.

  1957-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، 1-بەش يىللىق پىلاندىكى تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى. كونا جۇڭگودا يوق زور بىر تۈركۈم زامانىۋى سانائەت تايانچ تارماقلىرى قۇرۇلدى، ئېلىمىزنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستى، سانائەتنىڭ جايلىشىشى مۇۋاپىق بولماسلىق ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزگەردى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ سېنتەبىر تېلېگراممىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ