مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقئارا سەھنىسىگە چىقىش (سەلتەنەتلىك 70 يىل كۈرەشچان يېڭى دەۋر __ يېڭى جۇڭگونىڭ قاينام–تاشقىنلىق يىللىرى)

2019.09.11 15:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ماۋ زېدۇڭ «ئۆينى پاكىز تازىلاپ ئاندىن مېھمان كۈتۈش»تىن ئىبارەت دىپلوماتىيە فاڭجېنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھاقارەتلىك دىپلوماتىيەدىن قۇتۇلۇش ئىرادىسى ۋە دىپلوماتىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاساسىي تاكتىكىسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. چاۋشيەندە ئۇرۇش توختاتقاندىن كېيىن، خەلقئارا ۋەزىيەت بىر ئاز پەسەيگەن ئىدى، ھەمدە يېڭى جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى تەدرىجىي ئۆسكەن ئىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەنۋە يىغىنى ۋە باندۇڭ يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى يېڭى جۇڭگونىڭ خەلقئارا سەھنىگە چىققانلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

  1954- يىلى 4- ئايدىن 7- ئايغىچە، جۇ ئېنلەي ئۆمەك باشلاپ جەنۋە يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم بەش چوڭ دۆلەتنىڭ بىرى بولغان ئورنى ۋە سالاھىيىتى بىلەن خەلقئارا يىغىنغا قاتنىشىشى ئىدى. جۇ ئېنلەي ئەينى چاغدا جىددىي يوسۇندا مۇكاسىمان دىپلوماتىيە يۈرگۈزگەن ئىدى، كۆپ تەرەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، يىغىندا «جەنۋە يىغىنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خىتابنامىسى» ھاسىل قىلىندى، ھەمدە ھىندىچىنىنىڭ تىنچلىقى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. يىغىن مەيدانىنىڭ سىرتىدا، جۇ ئېنلەي بارلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە ھەرقايسى ساھەدىكى زاتلار بىلەن ئۇچراشتى، ئۇنىڭ سەمىمىي، ئوچۇق- يورۇق، چېچەن ۋە ئەركىن-ئازادە شەخسىي سېھرىي كۈچى كىشىلەرگە، بولۇپمۇ يېڭى جۇڭگو بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان، ئەسلىدە گۇمانلانغان كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  يىغىن ئارىلىقىدا، جۇ ئېنلەي ھىندىستان ۋە بېرمىنى زىيارەت قىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى بىلەن قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، تىنچ بللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بىر-بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش؛ بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق؛ بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق؛ باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش؛ تىنچ بللە تۇرۇش. بۇ بەش پىرىنسىپ كېيىنچە بارا-بارا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئومۇمىي مىزانى بولۇپ قالدى.

  1955-يىلى 4 - ئايدا جۇ ئېنلەي يەنە ئۆمەك باشلاپ ھىندىستان باندۇڭ شەھىرىدە ئېچىلغان ئاسىيا-ئافرىقا يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان بەزى دۆلەتلەر يېڭى جۇڭگونى چۈشەنمىگەچكە، سۆزلىرىدە كوممۇنىزمنى تەنقىد قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا، جۇ ئېنلەي: جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇرۇشۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئىتتىپاقلىشىش ئۈچۈن كەلدى. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئوخشىمىغان پوزىتسىيە تۇتۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىش ئۈچۈن كەلدى، دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. يىغىننىڭ جىددىي كەيپىياتى جۇ ئېنلەينىڭ سۆزى بىلەن ئۆزگەردى. يىغىن ئاخىرىدا «ئاسىيا-ئافرىقا يىغىنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاخباراتى» ھاسىل قىلىنىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئون پىرىنسىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ئەمەلىيەتتە تىنچ بللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنىڭ يەنىمۇ گەۋدىلىنىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ.

  باندۇڭ يىغىنىدا نامايان قىلىنغان ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقتىن ئىبارەت «باندۇڭ روھى» ئاسىيا-ئافرىقا ئەللىرى خەلقلىرىنىڭ تىنچ بللە تۇرۇش ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ تارىخىي خاراكتېرىگە ئىگە بىر سەھىپىسىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا يېڭى جۇڭگو ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا دوستلارنى قولغا كەلتۈردى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9ـ ئاينىڭ 10ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ